Skip to content
ئۇيغۇر تىلى

Uyghur Ana Til Uchur Merkizi

Ana Til

ana til mektipi

ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى 2024- 2025- يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى

Posted on سېنتەبىر 9, 2024 By admin توغرۇلۇق ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى 2024- 2025- يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئىنكاس يوق

يېڭى سىنىپلىرىمىزنى كۈتۈۋاتقان ئاتا – ئانىلارغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. دەرسلىرىمىزنى ساۋات چىقىرىشتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىق ئەدەبىياتىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغىنىمىز ئۈچۈن، تور مەكتىپىمىزدە ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇيالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىمىز.

دەرسلىرىمىز 9 – ئاينىڭ 28 -29- كۈنلىرى رەسمىي باشلانماقچى.

يېڭىدىن ئېچىلىش ئالدىدىكى سىنىپلار(تىل – ئەدەبىيات سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچىلار يېتەرلىك ساندا بولغانلىقتىن، بۇ سىنىپلارغا يېڭىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايدۇ):

ساۋات چىقىرىش سىنىپى:

قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار: ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئالاقىلىشالايدىغان 6-8 ياشقىچە بولغان بالىلار (ئېغىزچە نەق مەيدان سىناق ئېلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى راۋان بولمىغان بالىلار قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تىزىملىتىپ خىزمىتىمىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز).

دەرس مۇددىتى: بىر يىل

دەرس شەكلى: نەق مەيدان تور دەرسى ۋە تاپشۇرۇقلار.

ئالاھىدە ئەسكەرتىشلەر:

1.⁠ ⁠ئادىل بولۇش ئۈچۈن مەكتىپىمىزدىكى ھېچقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېچكىمنى ئالدىن تىزىملاش، سان ئېلىپ قويۇش، توردا تىزىملاپ بېرىش ھوقۇقى يوق. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز

2.⁠ ⁠بۇ قېتىم پەقەت ساۋات چىقىرىش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىمىز. ياش چەكلىمىسى 6 – 8 ياش (تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتتىكىلەر ئۈچۈن 7-8)، يېشى ياكى تىل تەييارلىقى ماس كەلمىگەن بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، ماس كېلىدىغان بالىلارنىڭ پۇرسىتىنىڭ ئىگىلەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3.⁠ ⁠دەرسلىرىمىز ھەقسىز، لېكىن تۈزۈمىمىز چىڭ. بىز پەقەت ئۇيغۇرلا بولسا ئېلىپ مېڭىۋېرىشنى ئەمەس، بەلكى سۈپەتلىك تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىمىز، بويسۇنمىغانلار چېكىندۈرۈلۈپ قايتا ھېچقانداق دەرسىمىزگە قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇڭا، يىغىلىشلىرى، پائالىيەتلىرى كۆپ ئائىلىلەر باشقا ئورۇنلارنىڭ چېكىندۈرۈلمەيدىغان ھەقلىق دەرسلەرنى تاللىغىنى ياخشى. بولمىسا، سان ئىگىلىۋېلىپ چېكىندۈرۈلسە، قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر بالىنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالىدۇ.

تور دەرسىنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ماسلىشىشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى، شۇڭا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

تىزىملىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئې – خەت ئادرېسىغا خەت يېزىپ، تىزىملىتىش گىرافىكىنى تاپشۇرۇۋېلىڭ ۋە تىزىملىكنى توردىن تولدۇرۇڭ. تىزىملاتقان ئاتا – ئانىلار بىلەن مۇئەللىملەر ۋوتساپ ئارقىلىق بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدۇ.

anatilmektep@gmail.com

مەكتەپ

يازما يۆتكەش

Previous Post: قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى

جاۋاب يېزىش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Archives

  • 2024-يىل سېنتەبىر
  • 2024-يىل مارت

Categories

  • Uncategorized
  • ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى
  • ئۇيغۇر تىلى خەۋەرلىرى
  • ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يېغىنلىرى
  • ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئەدەبى ئەسەرلەر
  • بۇرچىمىز ۋە نىشانىمىز
  • بىز ھەققىدە
  • تەرجىمە
  • تىلشۇناسلىرىمىز
  • خىزمەتلىرىمىز
  • كىتاپلار
  • ماقالىلار
  • مەكتەپ
  • مۇزىكا

Recent Posts

  • ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى 2024- 2025- يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
  • قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى
  • ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى
  • سۈپەتلىك ئۇيغۇر تىلى تەرجىمە مۇلازىمىتى
  • ئانا تىل  ئۇچۇر مەركىزى

Recent Comments

  1. A WordPress Commenter ھەققىدە Hello world!

Copyright © 2025 Uyghur Ana Til Uchur Merkizi.

Powered by PressBook WordPress theme