Skip to content
ئۇيغۇر تىلى

Uyghur Ana Til Uchur Merkizi

Ana Til

ئۇيغۇر تىلى

شېئىر: ئۇيغۇر تىلى (ئۇيغۇرىئان)

Posted on مارت 5, 2024مارت 5, 2024 By admin توغرۇلۇق شېئىر: ئۇيغۇر تىلى (ئۇيغۇرىئان) ئىنكاس يوق

ئۇيغۇرىئان

ئۇيغۇر تىلى -روھىمدۇر،
ئۇنىڭ بىلەن ياشايمەن،
ئۇيغۇر تىلى-بارلىقىم،
ئۇنىڭ بىلەن كۆكلەيمەن.

ئۇيغۇر تىلى -ئانا تىل،
ئۆز ئانامنىڭ مېھرى بار.
ئۇيغۇر تىلى -ئاتا تىل،
ئۇندا ئاتا كۈچى بار.

ئۇيغۇر تىلى -يىلتىزىم،
ئەجدادىمنىڭ روھى بار.
ئۇيغۇر تىلى قانىتىم،
ئۇچارغا ئىمكانىم بار.

ئۇيغۇر تىلى -خەزىنە،
ئۇيغۇر تىلى جاسارەت.
ئۇيغۇر تىلى بىرلىكتۇر،
ئۇيغۇر بىلەندۇر نۇسرەت.

ئۇيغۇر تىلى دوستۇمدۇر،
چىن سىردىشىم، ھەمراھىم،
ئۇيغۇر تىلى ۋەتەندۇر،
يېمىرىلمەس قورغانىم.

ئۇيغۇر تىلى ئۆز تىلىم،
ئۇنىڭدا ھىس قىلىمەن،
ئۇيغۇر تىلى كۈچ تىلىم،
مەڭگۈ غەلبە قىلىمەن.

ئۇيغۇر تىلى-ئۇيغۇرنىڭ،
مەن ئۇنىڭسىز بولمايمەن.
ئۇيغۇر تىلى -ئۇيغۇرنىڭ،
مەن ئۇنىڭدىن كەچمەيمەن.

ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئەدەبى ئەسەرلەر

يازما يۆتكەش

Previous Post: ئانا تىل پىدائىيلىرى: تىلشۇناس ئۇستاز مەرھۇم خەمىت تۆمۈر
Next Post: ئەسلىمە: مەن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى (ئابدۇقادىر جالالىدىن)

جاۋاب يېزىش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Archives

  • 2024-يىل سېنتەبىر
  • 2024-يىل مارت

Categories

  • Uncategorized
  • ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى
  • ئۇيغۇر تىلى خەۋەرلىرى
  • ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يېغىنلىرى
  • ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئەدەبى ئەسەرلەر
  • بۇرچىمىز ۋە نىشانىمىز
  • بىز ھەققىدە
  • تەرجىمە
  • تىلشۇناسلىرىمىز
  • خىزمەتلىرىمىز
  • كىتاپلار
  • ماقالىلار
  • مەكتەپ
  • مۇزىكا

Recent Posts

  • ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى 2024- 2025- يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
  • قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى
  • ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى
  • سۈپەتلىك ئۇيغۇر تىلى تەرجىمە مۇلازىمىتى
  • ئانا تىل  ئۇچۇر مەركىزى

Recent Comments

  1. A WordPress Commenter ھەققىدە Hello world!

Copyright © 2025 Uyghur Ana Til Uchur Merkizi.

Powered by PressBook WordPress theme