يېڭى سىنىپلىرىمىزنى كۈتۈۋاتقان ئاتا – ئانىلارغا چىن قەلبىمىزدىن رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. دەرسلىرىمىزنى ساۋات چىقىرىشتىن تارتىپ تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىق ئەدەبىياتىغىچە داۋاملاشتۇرۇشنى پىلانلىغىنىمىز ئۈچۈن، تور مەكتىپىمىزدە ئۇزۇن مۇددەت ئوقۇيالايدىغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىمىز.
دەرسلىرىمىز 9 – ئاينىڭ 28 -29- كۈنلىرى رەسمىي باشلانماقچى.
يېڭىدىن ئېچىلىش ئالدىدىكى سىنىپلار(تىل – ئەدەبىيات سىنىپلىرىدا ئوقۇغۇچىلار يېتەرلىك ساندا بولغانلىقتىن، بۇ سىنىپلارغا يېڭىدىن ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنمايدۇ):
ساۋات چىقىرىش سىنىپى:
قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار: ئۇيغۇر تىلىدا راۋان ئالاقىلىشالايدىغان 6-8 ياشقىچە بولغان بالىلار (ئېغىزچە نەق مەيدان سىناق ئېلىنىپ، ئۇيغۇر تىلى راۋان بولمىغان بالىلار قوبۇل قىلىش دائىرىسىدىن چىقىرىۋېتىلىدۇ، شۇڭا بالىلارنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ تىزىملىتىپ خىزمىتىمىزگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىشىڭلارنى سورايمىز).
دەرس مۇددىتى: بىر يىل
دەرس شەكلى: نەق مەيدان تور دەرسى ۋە تاپشۇرۇقلار.
ئالاھىدە ئەسكەرتىشلەر:
1. ئادىل بولۇش ئۈچۈن مەكتىپىمىزدىكى ھېچقانداق ئوقۇتقۇچىنىڭ ھېچكىمنى ئالدىن تىزىملاش، سان ئېلىپ قويۇش، توردا تىزىملاپ بېرىش ھوقۇقى يوق. ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز
2. بۇ قېتىم پەقەت ساۋات چىقىرىش سىنىپىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىمىز. ياش چەكلىمىسى 6 – 8 ياش (تۈركىيەدىن باشقا دۆلەتتىكىلەر ئۈچۈن 7-8)، يېشى ياكى تىل تەييارلىقى ماس كەلمىگەن بالىلارنى قوبۇل قىلىپ، ماس كېلىدىغان بالىلارنىڭ پۇرسىتىنىڭ ئىگىلەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.
3. دەرسلىرىمىز ھەقسىز، لېكىن تۈزۈمىمىز چىڭ. بىز پەقەت ئۇيغۇرلا بولسا ئېلىپ مېڭىۋېرىشنى ئەمەس، بەلكى سۈپەتلىك تەربىيەلەشنى ئاساس قىلىمىز، بويسۇنمىغانلار چېكىندۈرۈلۈپ قايتا ھېچقانداق دەرسىمىزگە قوبۇل قىلىنمايدۇ. شۇڭا، يىغىلىشلىرى، پائالىيەتلىرى كۆپ ئائىلىلەر باشقا ئورۇنلارنىڭ چېكىندۈرۈلمەيدىغان ھەقلىق دەرسلەرنى تاللىغىنى ياخشى. بولمىسا، سان ئىگىلىۋېلىپ چېكىندۈرۈلسە، قوبۇل قىلىنىشى مۇمكىن بولغان يەنە بىر بالىنىڭ ھەققىگە كىرىپ قالىدۇ.
تور دەرسىنىڭ ئالاھىدە چەكلىمىلىرى تۈپەيلىدىن ئاتا – ئانىلارنىڭ ماسلىشىشىغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى، شۇڭا كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
تىزىملىتىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئې – خەت ئادرېسىغا خەت يېزىپ، تىزىملىتىش گىرافىكىنى تاپشۇرۇۋېلىڭ ۋە تىزىملىكنى توردىن تولدۇرۇڭ. تىزىملاتقان ئاتا – ئانىلار بىلەن مۇئەللىملەر ۋوتساپ ئارقىلىق بىۋاسىتە ئالاقىلىشىدۇ.
anatilmektep@gmail.com