Skip to content
ئۇيغۇر تىلى

Uyghur Ana Til Uchur Merkizi

Ana Til

anatil

ئانا تىل  ئۇچۇر مەركىزى

Posted on مارت 6, 2024مارت 6, 2024 By admin توغرۇلۇق ئانا تىل  ئۇچۇر مەركىزى ئىنكاس يوق

ئانا تىل ئۇچۇر مەركىزى -«شەھرىبانۇ تاھىر بالىلار فوندى»غا قاراشلىق ئىنتېرنېت ئانا تىل  مەركىزى بولۇپ، 2024-يىلى 2-ئايدا قۇرۇلغان.

بىزنىڭ نىشانىمىز-مۇھاجىرەتتە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش، ساقلاپ قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتۇر.

ئۇيغۇر ئانا تىل ئ‍ۇچۇر مەركىزى ئۇيغۇر ئانا تىل تور بېكىتى  ۋە ھەر قايسى جايلاردىكى ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدۇ.

تور بېكەت ئادرېسى:

www.anatil.org

ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ ئەھۋالى:

جۇڭگو ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ بىر تەركىۋى سۈپىتىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلىنى مائارىپ ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدىن چەكلەش، ئۇيغۇر تىلى ماتېرىياللىرىنى چەكلەش، مۇسادىرە قىلىش، كۆيدۈرۈش، ئازايتىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى كىرىزىسىكە دۇچار قىلماقتا.

مۇھاجىرەتتە بولسا  ئۇيغۇرلار تارقاق ياشىغانلىقى، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ئۆزى ياشاۋاتقان جايلاردىكى يەرلىك ئاساسلىق  تىل ۋە  شۇ تىلدىكى مائارىپنىڭ  تەسىرىگە كۈچلۈك ئۇچرايدىغانلىقى ئ‍ۈچۈن ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتۇشى ۋە تارقىلىشى يېتەرلىك ئەمەس.

مۇھاجىرەتتە تەكشۈرىشمىزگە ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان كىرىزىس تۇيغۇسى كۈچلۈك.

ئەمما ئۇيغۇر ئانا تىلىنى تەتقىق قىلىش، ئوقۇتۇش، قوغداش جەھەتتە نۇرغۇن يتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت.

تەتقىقات سالمىقى يېتەرسىز، مەكتەپلەر ئاز، ماتېرىيال كەمچىل، ئوقۇتقۇچىلار ئاجىز، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەجىر قىلغان سالمىقى ئاجىز.

خىزمەتلىرىمىز: 

بىز بۇ ئۇلۇغۋار نىشان ئۈچۈن تۆۋەندىكى خىزمەتلەرنى قىلىمىز:

ئانا تىل خەزىنىسى : ماتېرىيال مەنبەسى تەمىنلەش

ئانا تىلى ئوقۇتۇشى، تەتقىقاتى، ئانا تىل دەرسلىكى، ئانا تىلغا ئائىت مۇزىكا، فىلىم، ئانا تىل قوراللىرىنى ئورتاقلىشىمىز.

ئانا تىل تاراتقۇسى : ئانا تىل پائالىيەتلىرىگە دائىر ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىش

دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ئائىت ئ‍ىش-ھەرىكەتلەر، پائالىيەتلەر، مەكتەپلەر، شەخسلەر ھەققىدە خەۋەر-ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىمىز. زىيارەت -سۆھبەت پىروگىراممىلىرىنى ئېلان قىلىمىز.

ئانا تىل نەشرىياتى:  ئانا تىل ھەققىدە كىتابلارنى نەشىر قىلىش

ئۇيغۇر ئانا تىلى ئوقۇتۇش، جانلاندۇرۇشقا ئائىت دەرسلىك، ئەدەبىي ئەسەرلەرنى  نەشىر قىلىش

ئانا تىل پائالىيەتلىرى:

تۈرلۈك ئانا تىل پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئارا مۇسابىقە، كۆرەكلەر ئارقىلىق ئانا تىل پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇش؛

تەتقىقات ئېلىپ بېرىش:

ئۇيغۇر ئانا تىلىنىڭ تارىخى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ رىئاللىقى، ئ‍ۇيغۇر تىلىنىڭ راۋاجى، سېمانتىكا، تىل پىسخىكىسى ( Psycholinguistics)، يېزىق ئ‍ۇسلۇب ئ‍ىلمى ( Stylistics)، ئەمەلىي قوللىنىدىغان تىلشۇناسلىق ( Applied linguistics)، 

سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ( Comparative linguistics)، ئىپادە تىلشۇناسلىقى ( Descriptive linguistics)، نېرۋا تىلشۇناسلىقى ( Neurolinguistics)، دىئالىكشۇناسلىق ( Dialectology)، لېكسىكاشۇناسلىق ( Lexicography)، بايان ( Discourse) قاتارلىق ساھەلەردە ئېلان قىلىنغان تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئورتاقلىشىش

ئانا تىل ژۇرنىلى:

پىلانىمىزدا ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ئائىت بىر ژۇرنال نەشر قىلىش. بۇنىڭدا ئۇيغۇر ئانا تىلىغا ئائىت مۇھىم ئىزدىنىش نەتىجىلىرى، ئ‍ىش-پائالىيەتلەرنى ئېلان قىلىش

بۇرچىمىز ۋە نىشانىمىز, خىزمەتلىرىمىز

يازما يۆتكەش

Previous Post: Uyghur Mother Tongue Information Center
Next Post: سۈپەتلىك ئۇيغۇر تىلى تەرجىمە مۇلازىمىتى

جاۋاب يېزىش جاۋابنى بىكار قىلىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Archives

  • 2024-يىل سېنتەبىر
  • 2024-يىل مارت

Categories

  • Uncategorized
  • ئۇيغۇر تىلشۇناسلىقى
  • ئۇيغۇر تىلى خەۋەرلىرى
  • ئۇيغۇر تىلى مۇھاكىمە يېغىنلىرى
  • ئۇيغۇر تىلى ھەققىدە ئەدەبى ئەسەرلەر
  • بۇرچىمىز ۋە نىشانىمىز
  • بىز ھەققىدە
  • تەرجىمە
  • تىلشۇناسلىرىمىز
  • خىزمەتلىرىمىز
  • كىتاپلار
  • ماقالىلار
  • مەكتەپ
  • مۇزىكا

Recent Posts

  • ئۇيغۇر ئانا تىل تور مەكتىپى 2024- 2025- يىللىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
  • قىسقىچە تىلشۇناسلىق لۇغىتى
  • ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا دىئاسپورادىكى ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەققىدىكى خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئەنقەرەدە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئېچىلدى
  • سۈپەتلىك ئۇيغۇر تىلى تەرجىمە مۇلازىمىتى
  • ئانا تىل  ئۇچۇر مەركىزى

Recent Comments

  1. A WordPress Commenter ھەققىدە Hello world!

Copyright © 2025 Uyghur Ana Til Uchur Merkizi.

Powered by PressBook WordPress theme